ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا: خىتاينىڭ 10 نەپەر ئاخبارات خادىمى خاككېر پىلانىغا قاتناشقان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-31 16:04:49 جەمئى 4501 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا: خىتاينىڭ 10 نەپەر ئاخبارات خادىمى خاككېر پىلانىغا قاتناشقان

ئامېرىكا: خىتاينىڭ 10 نەپەر ئاخبارات خادىمى خاككېر پىلانىغا قاتناشقان
31- ئۆكتەبىر the Wall Street journal خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ 10 نەپەر ئاخبارات خادىمى خاككىر پىلانىغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش دائىرلىرى خىتاينىڭ 10 نەپەر ئاخبارات خادىمى ئامېرىكنىڭ لوس ئانجېلىس قاتارلىق ئۈچ شىتاتىدىكى ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ كومپىيوتېر سېستىمىسىغا قىلىنغان خاككىرلار ھەرىكەت پىلانىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10 نەپەر خىتاي ئاخبارات خادىمى ئامېرىكىغا قارشى تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۆزلۈكسىز ئامېرىكىدىن خادىم قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئۇچۇر ئوغۇرلىغان. بۇ قېتىم خىتاينىڭ 10 نەپەر ئاخبارات خادىمىنىڭ ئەيىبلىنىشى بولسا پرېزدىنت ترامپنىڭ خىتايغا قارىش تەدبىرىنىڭ باشلىنىشى ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەنە، بىر قانچە كۈن ئىچىدە پەردە ئارقىسىدا خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر توپ خاككىرنى ئېلان قىلىدىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر خاككىرلار ئۇچۇر- تېخنىكا سۇدا مۇلازىمىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، جاسوسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەمدە ئەقلى مۈلۈك ئوغۇرلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئەيىبلىنىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ