ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەستايىدىل ۋە دۇرۇست بولغىن ناخشا – مۇزىكا بىلەن شوغۇللانما. نامەھرەم ئاياللار بىلەن مۇڭدۇشۇپ، سۆھبەتلەشمە. سۆز قىلغاندا دۇرۇست ۋە راستچىل بولغىن. تۇترۇقسىز، كەلسې- كېلمەس گەپ قىلىدىغان ئىنسانلاردىن يىراق تۇرغىن.

 

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 (1) 

ئەستايىدىل ۋە دۇرۇست بولغىن ناخشا – مۇزىكا بىلەن شوغۇللانما. نامەھرەم ئاياللار بىلەن مۇڭدۇشۇپ، سۆھبەتلەشمە. سۆز قىلغاندا دۇرۇست ۋە راستچىل بولغىن. تۇترۇقسىز، كەلسې- كېلمەس گەپ قىلىدىغان ئىنسانلاردىن يىراق تۇرغىن.

بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىلىرىڭنى ئۇنۇتقىن. چۈنكى سەن بالىلىق دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتتىڭ. بالىلىقىڭدىكى ئەسلىمىلىرىڭنى ئەسلەپ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن. ئەمدى قىلىشقا تېگىشلىكى بولسا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئىشلەشتۇر. ياشلىقىڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىرىدە بىلمەستىن، نادانلىقتىن گۇناھ ئىشلەش ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىپ ياشىغان كۈنلىرىڭ تۈگىدى. لېكىن ئۇ كۈنلەردە ئىشلىگەن گۇناھلىرىڭنىڭ يېزىلغان دەپتەرلىرى بار. ئەمدى ھۇشۇڭنى يىغقىن. قىلغان گۇناھلىرىڭنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن ياخشى، ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلغىن.

ئاياللارغا ھېرىسمەن بولمىغىن. ساڭا مەھرەم بولمىغان، ياش، يېتىلىۋاتقان قىزلاردىن يىراق تۇر. ئۇلارغا ھەۋەسلەنمە. ئەگەر سەن شۇنداق قىلالىساڭ شان- شەرىپىڭ ئاشىدۇ. مەرتىۋەڭ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى گۇناھلار ئىنساننى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشىرىۋېتىدۇ. ئىتائەت قىلىش بولسا ئەزىز قىلىدۇ.

ھارامغا قۇلاق سالما، ھارامغا قارىما. ئىنساننى جانلاندۇرۋېتىدىغان مۇزىكا ئەسۋاپلىرىغا يېقىئنلاشما. شۇنداقلا ناھايىتى نادان، يېتىلمىگەن ياش بالىلاردىن يىراق تۇر.

سەن ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان جامال ئىگىسىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە بىر ئويلانغىن. ئۇ  گۈزەل جامالنىڭ ئاخىردا ئىنتايىن بەتبەشىرە بىر ھالغا كېلىدىغانلىقىنى ئويلىغىن. چۈنكى قېرىغاندا ئۇ گۈزەللىكتىن ئەسەر قالۇرمۇ؟

سەن ئەقىللىق بىرى بولساڭ ھەرگىزمۇ شاراپلارغا يېقىنلاشمايسەن. شاراپ ئىچىش دېگەنلىك ئۆز- ئۆزىنى ساراڭ قىلىش دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھقا ىتەقۋادارلىق قىلغىن. تەقۋادارلىق قەلبىگە ئورناشقان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا ئېرىشىدۇ. ھەقىقىي قەھرىمان يول توسىيالغان، ئۇرۇشتا يەڭگەن بىرى ئەمەس بەلكى ئاللاھتىن ھەققى بىلەن قورقۇشنى بىلگەن كىشىدۇر.

يۇلتۇزلارغا قاراپ مەنا بېرىدىغان مۇنەججىملەردىن ئۇزاق تۇرغىن.

 

 

 

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ