ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئالىم ئىبنى ۋەردىنىڭ ياشلارغا قىلغان نەسىھەتلىرى (2)

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2012-05-12 12:34:54 جەمئى 6121 قېتىم ئوقۇلغان.

دۇنيا پانىيدۇر. ئىنسانلار ھەممىسى ئۆلىدۇ. تۈگىمەس- پۈتمەس قۇترەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ، بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا ئۆلۈمنى تەقدىر قىلغاندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقۇش بىلەن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئۆلۈم قانچىلىغان پادىشاھلارنىڭ تەختىنى يىقىتتى. قانچىلىغان دۆلەتلەرنى يوق قىلدى.

 

  ئالىم ئىبنى ۋەردىنىڭ ياشلارغا قىلغان نەسىھەتلىرى (2) دۇنيا پانىيدۇر. ئىنسانلار ھەممىسى ئۆلىدۇ. تۈگىمەس- پۈتمەس قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ، بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا ئۆلۈمنى تەقدىر قىلغاندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقۇش بىلەن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئۆلۈم قانچىلىغان پادىشاھلارنىڭ تەختىنى يىقىتتى. قانچىلىغان دۆلەتلەرنى يوق قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تەكەببۇرلۇق قىلغان نەمرۇد قايەردە؟ سۇلايمان ئەلەيھىسسالام، زۇلقەرىيندەك پۈتۈن يەر يۈزىگە ھۆكۈمدارلىق قىلغانلار قايەردە؟ ئۆلۈم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر- بىرلەرپ ئېلىپ كەتمىدىمۇ؟ كۈچلۈكلىكىدىن تاغۇ- تاشلارنى تېشىپ ساراي سالغان ئاد قەۋمى، زالىملىقى بىلەن كۈچىدىن پەخرلەنگەن پىرئەۋىنلەر نەدە؟ دۇنياغا داھى بولغانلار، بىنا سېلىپ ئاسمان پەلەك بىنالاردا يۇقىرىغا چىقىۋاتقانلار قايەردە؟ ئۇ ئەقىللىق، ھەممە نەرسىنىڭ تېگىگە يېتىپ بىلەلەيدىغان زېرەك ئىنسانلار قايەردە؟ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى ھەم كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي ئۆلمەيدىغان بىر ھايات ئۈچۈن بۇ دۇنيادا يەنى ھامىنى ئۆلىدىغان دۇنيادا تەييارلىق قىلغىن. ئاللاھ ئۆلگەنلەرنى مۇتلەق تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلاردىن بىر- بىرلەپ ھېساپ ئالىدۇ. ۋەسىيىتىمنى ياخشى ئاڭلىغىن! ئى بالام. پەقەت ۋە پەقەت ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان مۇھەممەت ئۈممىتىگە بېرىلگەن ھېكمەتلەردىن بىرمۇنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ ۋەسىيەتلىرىمنى ياخشى ئاڭلىغىن. ئىلىم ئۆگەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىزدەن. بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ ھورۇنلۇق قىلمىغىن. چۈنكى خەيرىلىك ئىشلار ھورۇن ئادەملەردىن يىراقتادۇر. باشتا فىھقى ئىلىملەردىن باشلاپ دىن ئىلىملىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگىن. مال ۋە خىزمەتچىلەر سېنى ئېلىم ئېلىشتىن ئالقويمىسۇن. ئارتۇق ئۇيقۇدىن يىراق تۇر. چۈنكى ئىزدىگەن نەرسىسىنىڭ قەدرىنى بىلگەن ئادەم ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن سەرپ قىلغانلىرىنى ئاز دەپ قارايدۇ. ئېلىم ئەرباپلىرى يوق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەقىقىي ئالىملار بۇرۇن كۆپلەپ يېتىشىپ چىقاتتى، بۇ زاماندا ئالىم بولغىلى بولمايدۇ، دېمە. چۈنكى بۇ يولدا ماڭغان ھەر بىر ئادەم نىشانىغا يېتەلەيدۇ. گەپ سېنىڭ بۇرۇنقى ئالىملاردەك ئىخلاس بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا تىرىشىشىڭغا باغلىق. بۇ يولدا تىرىشقان ھەر بىر كىشى تىرىشچانلىقىغا قارىتا ئالىم بولىدۇ. كىشىنىڭ بىلىمى ئاشقانسىرى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بۇرنى يەرگە سۈرىلىدۇ. ئىلىمنىڭ گۈزەللىكى ئەمەلنىڭ ئىسلاھىدىندۇر. يەنى ئىلىمگە يارىشا دۇرۇست بولۇپ دائىم خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكىدۇر.  ياخشى سۆز قىلىشنى ئۆگەنگىن. گىراماتىكا ئىلىمىنى ئۆگەنگەنچە سۆزۈڭ توغرا ۋە ياخشى بولىدۇ. چۈنكى گىراماتىكىلىق قانۇنىيەتلەرگە زىت ھالدا كەلىمىلەرنى قالايماقان ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ سۆزى چۈشىنىكسىز ۋە مەنىسىز بولىدۇ. بەرگەن بول، ئالىدىغان بولما. ئەڭ تاتلىق سۆز ساڭا: مەرھەممەت ئېلىڭ! دېگەن سۆزدۇر. ئەڭ ئاچىق سۆز بولسا: مۇمكىن بولسا.... دىگەن سۆزدۇر. ئىنسان مەرھەممەت ئال، ياكى ئېلىڭ دېيەلەيدىغان بىرى بولىشى كېرەكتۇر. باشقىسىغا قول سۇنۇپ: مۇمكىن بولسا ماڭا ... لەردىن بېرەمسەن، ياكى بىرەلەمسەن؟ دېگەن سۆزنى قىلماسلىققا تىرىشماق لازىمدۇر. تەييارلىغۇچى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ