ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئالىملار بىرلەشمىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-10 14:31:18 جەمئى 3497 قېتىم ئوقۇلغان.

ئالىملار بىرلەشمىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

ئالىملار بىرلەشمىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى
10 – ئاۋغۇست بوشۈن خەۋەرلەر تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرلىشىچە، خەلقئارادىكى بىر قانچە دۆلەتتىن ئون نەچچە مەشھۇر ئالىم ۋە خىتايغا قارشى زاتلار بىرلىشىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇشقا چاقىرى.
چاقىرىقتا مۇنداق دىيىلگەن:
خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاندا « تەربىيىلەش مەركىزى » نامىدا لاگېرلارنى تەسس قىلدى. لاگىرلارغا ھېچقانداق ئەدلىيە تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمىگەن ھالدا خالىغانچە تۇتۇپ سولىدى. سولانغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئۇيغۇر، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز ساندا قازاقلارمۇ بار. خىتاي ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئىچىدىن دېھقان ، ئىشچى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، شائىر، يازغۇچى، سەنئەتچى، ئالىم، باشلىق دەپ، ئايرىماي سەۋەبسىز قارا- قويۇق تۇتۇپ لاگېرغا سولاپ جازالاشقا باشلىدى. ھەتتا چەتئەلگە چىققان ئوقۇغۇچىلار، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى تۇغقانلىرى، ئىلگىرى چەتئەلگە چىققانلارنى زەربە بىرىش ئوبيېكتى قىلىدى.
مەكتۇپتا يەنە، ئۇيغۇرلار مەدەنىي قىرغىنچىلىققا، بىر مەيدان ھايات – ماماتلىق كىرىزىسكە دۈچ كەلدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىگە قەلبىدە ئاددى ئىنسانىي قىممەت قارىشى بار ئىنسان سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ.
شۇڭا بىز تۆۋەندىكىدەك چاقىرىق قىلىمىز؛
1 خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋايى قىلمىشىغا قارشى تۇرىمىز، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە ئۇندىن باشقا مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلىرىنى دەرھال توختىتىشقا، لاگېرلارنى تاقاشقا، ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بىرىشكە چاقىرىمىز!
2 ئۇيغۇرلار ۋە ئۇندىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت ھەققانىيەت يولىنى قوللاپ خىتايغا قارشى تۇرىمىز!
3 ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دائىم ئۈن چىقىرىشىغا چاقىرىمىز!
4 ب د ت نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كوممۇنىستلارنىڭ رەزىل ھەرىكىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىمىز!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ