<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن قەلبلەر ھۇزۇر تاپىدۇ؟

ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئەسسالام ئەلەيكۇم

بارلىق گۈزەل ماختاشلار، ياخشىلىقى ئۈمۈت قىلىنىپ ئازاۋىدىن پاناھلىنىدىغان، يوقتىن پەيدا قىلغان، ئولگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۇرىدىغان، بەندىلەرنى كەچۇرۇم قىلغۇچى، تەقۋادارلارنى دوست تۇتقۇچى، ئۆزى ئىرادە قىلغان ئىشنى قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ ئاللاھنى ھەرۋاقىت ماختايمىز ۋە شۈكرى ئېيتىمىز، بۈيۈك، چەكسىز شەرەپ ئېگىسى بولغان ئاللاھدىن ياردەم سورايمىز ۋە دائىم يادئىتىمىز، ھەممىدىن بىھاجەت بولغان ماختالغۇچى ئاللاھقا توۋبە قىلىمىز ۋە كەچۇرۇم تەلەپ قىلىمىز. ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق، يەككە ـ يىگانە دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ ۋە خالىغان كىشىنى توغرا يولدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە راستچىل ئىشەنچىلىك ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز.

ئاللاھتائالا زىكىر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «مېنى (تائەت – ئىبادەت بىلەن ) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن)  ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار»  سۈرە بەقەرە 152 _ ئايەت.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەندەم مېنى ئۆزىگە قارىتا قانداق ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بولىمەن . ئۇ مېنى مەخپى ئەسلىسە ، مەن ئۇنى مەخپى ئەسلەيمەن ، ئۇ مېنى جامائەت بار يەردە تىلغا ئالسا ، مەن ئۇنى ئۇ جامائەتتىنمۇ ياخشى جامائەت بار يەردە تىلغا ئالىمەن . ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا ، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن . ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا ، مەن ئۇنىڭغا بىر غولاچ يېقىنلىشىمەن . ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە ، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن »__ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان. 

 

زىكىر توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغان كىشى بىلەن زىكىر قىلمايدىغان كىشىنىڭ پەرقى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشايدۇ». سەھىھۇل بۇخارى.

 

زىكىر دېگەن نېمە؟

زىكىر دېگەن، ئاللاھنى ياد ئېتىش، ئەسلەش ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش دېگەن بولىدۇ.

زىكىر ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

 تىل بىلەن زىكىر قىلىش، دىل بىلەن زىكىر قىلىش ۋە جىسىمدىكى ئەزالار بىلەن زىكىر قىلىش.

1.    تىل بىلەن زىكىر قىلىش دېگەن، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش، ئۇنىڭغا ھەمدۇ – سانا ئېيتىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش، ئەسلەش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىپادىلەيدىغان ھەر قانداق سۆز تىل بىلەن زىكىر قىلىش دېمەكتۇر.

2.    دىل بىلەن زىكىر قىلىش بولسا، ئاللاھنىڭ زاتى  ۋە سۈپەتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش، ﷲنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنىڭ ھېكمەتلىرى ھەققىدە ئويلۇنۇش ۋە ﷲنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىكى مۆجىزىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش، تەپەككۇر قىلىش دېمەكتۇر.

3.    بەدەن بىلەن زىكىر قىلىش بولسا، ئاللاھنىڭ بۇيرىغان ۋە توسقانلىرىغا شەك – شۈبھىسىز ئەمەل قىلىش ۋە ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەل – ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش دېمەكتۇر.

بۇ ھەقتە بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: كۆزنىڭ زىكىر قىلىشى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاش. قۇلاقنىڭ زىكىر قىلىشى، ئاللاھتىن قورقۇپ گۇناھ بولىدىغان سۆزلەرگە قۇلاق سالماسلىق ياكى ئاڭلىماسلىق. تىلنىڭ زىكىر قىلىشى بولسا، ئاللاھقا ھەمدۇ -سانا ئېيتىش. قولنىڭ زىكىر قىلىشى بولسا سەدىقە بېرىش. بەدەننىڭ زىكىر قىلىشى بولسا ۋەدىگە ۋاپا قىلىش.  قەلبنىڭ زىكىر قىلىشى ، ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ئاللاھقا يالۋىرىش. روھنىڭ زىكىر قىلىشى بولسا ئاللاھقا ئۆزىنى ئاتاش ۋە ئاللاھنىڭ تەقدىر - ئىرادىسىگە پۈتۈنلەي رازى بولۇش.

 زىكىرنىڭ مەرتىۋىسى ئۈچ دەرىجە بولىدۇ.

1-  ئاشكارا قىلىنغان زىكىر، ئۇ بولسا ئاللاھنى ماختاش، ياكى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بوي سۇنۇش.  ئاللاھنى ماختاشنىڭ مىسالى، سۇبھانە ئاللاھ، ئەلھەمدۇللاھ، ئاللاھۇئەكبەر، دۇئادىن مىسال ئالىدىغان بولساق، ئى ئاللاھ بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق، بىزنى قۇتۇلدۇرغىن، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ ۋە بىزنى مەغپىرەت قىلمىساڭ بىز زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشنى ئىپادىلەش بولسا، ئاللاھ ھەر زامان بىز بىلەن بىللە، پۈتۈن قىلغان ئىش ھەرىكەتلىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر دەپ ئىش ھەرىكەتلىرىمىزگە دىققەت قىلىش.

2-  يوشۇرۇن قىلىنغان زىكىر.

بۇ بولسا ئەمەل – ئىبادەت قىلىشتا دۇنياۋىي ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ خالىس ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش. ئاللاھنىڭ ھەر دائىم بىز بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ۋە ئاللاھقا بولغان باغلىنىشنى مۇستەھكەم قىلىش دېمەكتۇر.

3-  ھەقىقى زىكىر دېگەن،

ھەقىقىي زىكىر ئاللاھنى داۋاملىق زىكىر قىلىپ تۇرسا، ئاللاھنىڭمۇ ئۇنى ئەسلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگە ھالدا، كېچە – كۈندۈز ئاللاھنى زىكىر قىلىش.

 

زىكىر قىلىشقا مۇئەييەن بىر ۋاقىت بەلگىلەنگەنمۇ؟ ياق ، زىكىر ئۈچۈن مۇئەييەن بىر ۋاقىت بەلىگىلەنمىگەن. ئىنسان ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تىلىنى ۋە قەلبىنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك.

بۇ ھەقتە ئاللاھتائالاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ...» سۈرە ئال ئىمران 191_ ئايەت.

زىكىرنىڭ ئۇمۇمىي مەنىسى توغرىسىدا ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: زىكىر دېگەن ئەمەلىيەتتە «سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ، بىسمىللاھ، ھەسبيەللاھ» قاتارلىق پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، تىلغا ئېلىشنى تەشەببۇس قىلغان زىكىرلەرنى داۋاملىق زىكىر قىلىپ تۇرۇش دېمەكتۇر.  شۇنىڭدەك زىكىر يەنە دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زىكىر يەنە ﷲ تائالا پەرز قىلغان ئەمەل – ئىبادەتنى بەجا كەلتۈرۈش، قۇرئان ئوقۇش، ئىلىم تەھسىل قىلىش، نەپلە ناماز ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرگىمۇ دېيىلىدۇ.

زىكىر قىلغۇچىغا نىيەت قىلىش شەرت قىلىنامدۇ؟

زىكىر قىلغۇچىنىڭ نىيەت قىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ. لېكىن زىكىردىن باشقا بىر نەرسىنى نىيەت قىلماسلىقى شەرت. لېكىن تىل بىلەن قىلىنغان زىكىرگە قەلب بىلەن قىلىنغان زىكىر قوشۇلسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ. ئەگەر تىل ۋە دىل بىلەن زىكىر قىلىش بىلەن بىرلىكتە زىكىرنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلغان ھالەتتە قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى. زىكىر جىھاد ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىلغاچ قىلىنسا تېخىمۇ كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. پۈتۈن بۇلار ئىخلاس بىلەن قىلىنسا كامالەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىلغان بولىدۇ.

 

زىكىر قىلىشنىڭ ھۆكمى

زىكىر نەپلە ئىبادەت بولۇپ، زىكىرنى تەرك ئەتكەن كىشى ئولۇغ بىر ئىبادەتنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ.

زىكىرنى پاكىز كىيىم بىلەن پاكىز ئورۇندا تاھارەت ئالغان ھالدا ئولتۇرۇپ قىلىش ئەڭ ئەۋزەل. لېكىن بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلمىغان تەقدىردىمۇ گۇناھ بولمايدۇ.

زىكىر قىلىشقا بولمايدىغان ۋاقىتلار:

ھاجەتخانادا ھاجەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا. ئەر – ئايال مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىۋاتقاندا. ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا. نامازدا تۇرغان ۋاقىتتا، مۈگىدەپ قالغان ۋاقىتتا زىكىر ئېيتىشقا بولمايدۇ.  يولدا كېتىۋاتقاندا ياكى مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقان ۋاقىتتا زىكىر ئېيتىشقا بولىدۇ.

 

زىكىرنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىرى

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنى زىكىر قىلغۇچىنىڭ داۋاملىق ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولۇشى ۋە ئەڭ پاك ھالەتتە زىكىر قىلغىنى ئەۋزەل. ئەگەر ئولتۇرغان ھالەتتە زىكىر قىلماقچى بولسا قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بىچارە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھالدا ئولتۇرۇشى كېرەك. لېكىن بۇ شەكىلدە زىكىر قىلماي باشقا شەكىلدە زىكىر قىلسىمۇ بولىدۇ.

 

زىكىرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مەنىسى:

تىل بىلەن زىكىر قىلىش توغرىسىدا ئاللاھتائالاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھنى بولسا ئاتا بۇۋاڭلارنى (پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار» سۈرە بەقەرە 200 _ ئايەت.

دىل بىلەن زىكىر قىلىش توغرىسىدا ئاللاھتائالا مۇنداق دېگەن: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ قالسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ».

 

زىكىرنىڭ پايدىلىرى:

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ زىكىرنىڭ 100دىن ئارتۇق پايدىسىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ پايدىلارنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

1- شەيتاننى قوغلايدۇ.

2- ئاللاھ رىزالىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

3- يۈرەكتىكى غەم – قايغۇنى يۇيۇپ تاشلايدۇ.

4- يۈرەككە خوشاللىق ۋە راھەت بېغىشلايدۇ.

5- يۈرەكنى ۋە بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ.

6- يۈزنى ۋە يۈرەكنى نۇرلاندۇرىدۇ.

7- رىزىقنى كېڭەيتىدۇ.

8- زىكىر قىلغۇچىغا سالاپەت بېغىشلايدۇ.

9- زىكىر قىلغۇچىغا سۆيگۈ بېغىشلايدۇ.

10- زىكىر ئاللاھقا ئېرىشىدىغان ئىشىكنى ئاچىدۇ، بۇ ئىشىك ئېچىلسا زىكىر قىلغۇچى ئاللاھنى تاپىدۇ، ئاللاھنى تاپقۇچى ھەممىگە ئېرىشكۈچىدۇر.

11- زىكىر ئاللاھقا قايتىش يولىنى كۆرسىتىدۇ.

12- زىكىر قىلغۇچىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ.

13- ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ.

14- زىكىر ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن غەزەپلىنىشكە ئىگە قىلىدۇ.

15 ئاللاھنىڭ  ئۇنى داۋاملىق ياد ئېيتىشىگە ئېرىشىدۇ.

16- زىكىر قىلغۇچىنىڭ يۈرىكى ياشىرىپ تۇرىدۇ.

17- زىكىر دىلنىڭ ۋە روھنىڭ ئوزۇقى.

18- زىكىر يۈرەكنى كىر ۋە داغلاردىن پاكلايدۇ.

19- زىكىر گۇناھلارنى يۇيىدۇ.

20- زىكىر بەندە بىلەن پەرۋەردىگارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدۇ.

21- ئاللاھنى زىكىر قىلغۇچىنى  ئاللاھمۇ ياد ئېيتىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ياد ئېتىشى ھەممىدىن كاتتىدۇر.

22- بەندە پاراغەت زامانىدا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ئارقىلىق ئۇنى تونۇشقا تېرىشسا ئاللاھ تائالا بەندىسى قېيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىدۇ.

23- زىكىر ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.

24- زىكىر رەھمەتنىڭ يېغىشىغا، خاتىرجەملىكنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا ۋە پەرىشتىلەرنىڭ زىكىر مەجلىسلەرگە داخىل بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

25- زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇش غەيۋەت – شىكايەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

26- زىكىر سورۇنلىرى پەرىشتىلەرنىڭ سورۇنلىرىدۇر، ئويۇن – تاماشا سورۇنلىرى بولسا شەيتاننىڭ سورۇنلىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بەندە ئۆزىگە قايسىنى لايىق تاپسا شۇنى قىلسۇن.

27- زىكىر قىلغۇچى قىلغان ئىشىدىن خوش بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ.

28- زىكىر بەندىنىڭ قىيامەت كۈنى ھەسرەت چېكىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

29- خالى ئورۇنلاردا ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ سايىسىدا سايىداشقا لايىق بولىدۇ.

30- ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل بولۇش ئاللاھ تائالانىڭ زىكىر قىلغۇچىغا باشقىلارغا ئاتا قىلغىنىدىن كۆپرەك نېمەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

31 – زىكىر ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئاسىنى، ئەڭ كاتتا ۋە ئەڭ پەزىلەتلىكىدۇر.

 

مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم!  ئاللاھنى زىكىر قىلغۇچىلاردىن بولايلى، ئاللاھنى زىكىر قىلىش دىمەك:

پۇل-مالسىز سەدىقە قىلىش، جەڭ قىلماستىن جىھادقىلىش، ھەركەت قىلماستىن چىگرا قوغداش، مەشغۇل بولماستىن ئەمەل قىلىشقا ئوخشاشتۇر.

يەنە ئاللاھنى زىكىرقىلىش دېمەك:

تىلغا ئەڭ قولاي، قىلىشقا ئەڭ ئاسان، كۆتۈرۈشكە ئەڭ يېنىك. لېكىن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ گۈزەل ئىشتۇر.

ئاللاھنى زىكىر قىلىش دىمەك:

مىزاندا ئەڭ ئېغىر، رەھمانغا ئەڭ سۆيۈملۈك، ئىنسان قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ كاتتا     ئەمەلدۇر.

ئاللاھنى زىكىر قىلغۇچلاردىن بولايلى. 

م.تەكلىماكان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ