ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

ئۇقتۇرۇش
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەر ساھەدە مەمنۇن بولغۇدەك دەرىجىدە كۈنتەرتىپكە كېلىپ خەلق ئاممىسى ۋە سىياسىيونلارنىڭ ھېسداشلىقى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىدە ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلمى چەكتىن ئېشىپ خەلقىمىزنىڭ غورۇرىغا شىددەتلىك ئۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، خەلق ئاممىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بىردەك ئاكتىپ تىرىشچانلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دىيىشكە بولىدۇ. ھەممىگە مەلۇم تۈركىيىدە چوڭ بىر سايلام ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.. جۇمھۇر رەئىسلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ سايلام تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ھايات ماماتلىق مەسىلىسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. بۇ سايلامغا تۈركىيىدىكى ئىسلامىي ۋە مىللىي پارتىيىلەر جۇمھۇر ئىتتىپاقى قۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەم ھەق تەرەپنى قوللاش ئۈچۈن مەيدان ئىزھار قىلىش ھەم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەڭ تۈرك ئاممىسنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە مەلۇم پارتىيىنىڭ يىغىنلىرىغا (پارتىيىلەر ئارىسىدا تەرەپبازلىق قىلدى دەپ توغرا چۈشەنمەسلىكىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن) تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ بايرىقى ۋە ئىسمىنى ئىشلەتمەسلىكنى، بارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، تەشكىللىشى، يىتەكلىشىدە ئېلىپ بىرىشنى قارار قىلدۇق
18- مارت يەكشەنبە ئەنقەرەدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىسىنىڭ ئالىي قۇرۇلتاي يېغىنى ئېچىلىدۇ. جۇمھۇر ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك رول ئېلىۋاتقان بۇ پارتىيە قۇرۇلتىيغا ۋاقىتى يار بەرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىختىيارىي ھالدا تىزىملىتىشى ئۈچۈن ساپاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنىدا ۋەكىل ئورۇنلاشتۇردۇق
سافاكۆي : ئانۋەر قارىم 05363429330
زەيتىنبۇرنۇ :ئورھان بوزكۇرت 05455755620
ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ