ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانغا 12-فېۋرال (سەيشەنبە) ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 10:00دا ئىستانبۇل ئادالەت سارىيىدا سوت ئېچىلىدۇ.
خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ، تۈركىيەدىن سىياسىي پاناھلىق سورىغان ئابدۇقادىر ياپچان ئىككى يىلدىن بېرى خىتاينىڭ شىكايەتلىرى سەۋەبلىك بىگۇناھ نەزەربەنتتە تۇرۋاتىدۇ. تۈركىيەدەك بىر دېموكراتىك دۆلەتتە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ئادالەت تۇيغۇسى يوقاپ كەتمىگەن ھەر قانداق بىر ئىنسان قوبۇل قىلالمايدۇ.
ئىستانبۇلدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنى قولىغا بايراق ۋە «ئابدۇقادىر ياپچانغا ئەركىنلىك» دېگەن پىلاكاتلارنى ئېلىپ، ئىستانبۇل ئادالەت سارىيى ئالدىغا يىغىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىمىز! قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قالايمىقان سۆز-ھەرىكەتتە بولماي، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇھىم ئىكەنلىكىنى تىنچ ھالەتتە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ