<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاق ساراينىڭ تورىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-08 18:26:01 جەمئى 1653 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى تۇرۇشلۇق ئاق ساراينىڭ تور بېكىتىدە 6‏-سېنتەبىردىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى، ئۇلارنى خورلىشىغا قارشى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلاندى

ئاق ساراينىڭ تورىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلاندى 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى تۇرۇشلۇق ئاق ساراينىڭ تور بېكىتىدە 6‏-سېنتەبىردىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى، ئۇلارنى خورلىشىغا قارشى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلاندى.

مەزكۇر ھەرىكەتنى ئامېرىكىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق پائالىيەتچى جەك چۇرچۋارد ئەپەندى باشلىغان. ئۇنىڭ پىلانى مۇشۇ بىر ئاي 100 مىڭ ئىمزا توپلاشتۇر. ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسەن مەزكۇر ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە 30 كۈن ئىچىدە 100 مىڭ ئادەم ئىمزا قويسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى تۇغۇلىدۇ.

جەك چۇرچۋارد ئاق ساراينىڭ تورىدا ئېلان قىلغان ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى ھەققىدىكى بايانىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىن «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى خورلىشىغا قارىتا يېڭى سىياسەت تۈزۈشى» نى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا، تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامىشى ياكى يىغىۋېلىشى ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى، تاراتقۇلىرى ۋە جامائىتىنىڭ بارغانچە دىققىتىنى قوزغاپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە باشلاندى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ستېۋېن چابوت، گەرىي كونوللىي قاتارلىق بىر قىسىم ئەزالىرى جۈمە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئوغا مەكتۇپ يېزىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان ئىدى.

جەك چۇرچۋارد ئىمزا توپلاش ھەققىدىكى بايانىدا يەنە، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدىكى ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىنى تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قالمىغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە قانۇن-نىزاملارنى چىقىرىپ، ساياھەت قىلىشنى، يەرلىك تىلى، دىنىي يىغىلىش ۋە شەخسىي ئىبادەتنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە: RFA

ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى تولىمۇ ئاددى بولۇپ، پەقەت ئىسىم فامىلە ۋە بىر ئىلخەت ئارقىلىقلا نەچچە سىكۇنتتا قىلىپ بولالايسىز ... پۈتۈن خەلقىمىزنى بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ خەلقىمزنى ئاۋسترالىيە پارلامىنتىغا سۇنۇلىدىغان ئىمزالىق مۇراجىئەتنامە پائالىيتىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.

https://petitions.whitehouse.gov/petition/condemn-prcs-arbitrary-detentions-and-human-rights-abuses-xinjiang-uygur-autonomous-region

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا مۇراجىئەت ئىمزاسى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ: 

file:///C:/Users/Istiqlal/Downloads/Petition%20Australia%20Uyghur%202018.pdf


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ