ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاقساراي ئالدىدىكى ياشلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى داۋام قىلماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-08 16:06:34 جەمئى 1994 قېتىم ئوقۇلغان.

ئاقساراي ئالدىدىكى ياشلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى داۋام قىلماقتا

ئاقساراي ئالدىدىكى ياشلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى داۋام قىلماقتا  


ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى ياشلاردىن سالىھ خۇدا يارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكا  ئاقساراي ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش 4 . كۈنىنى ئاخىرلاشتۇردى. 

ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرۇلۇش پىلانلانغان نامايىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاپەت خارەكتىرىنى ئالغان باستۇرۇشى قىلىمىشىغا قارىتىش، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىگە قاراپ تۇرماسلىققا چاقىرىش قاتارلىقلار مەقسەت قىلىندى.

بۈگۈنكى نامايىشتا ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىدىن ۋە بېسىملىرىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى.

نامايىشچىلار توۋلىغان شۇئارلىرىدا ئەي ئامېرىكا كوممۇنىست خىتايغا قارشى ئورنۇڭدىن دەس تۇر! ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەركىنلىك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇستەقىللىق تېرورچى خىتاي ڧاشىست خىتاي! شەرقىي تۈركسىتان ئۈچۈن ئادالەت!

قاتارلىق شۇئارلارنى توۋلاشتى...

بۈگۈنكى نامايىشقىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئالى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى ۋە ياشلىرىمىزغا ئىلھام بەردى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ