ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاقتۇ ناھىيىسىدە 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-13 10:45:40 جەمئى 2212 قېتىم ئوقۇلغان.

ئاقتۇ ناھىيىسىدە 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقى ئاشكارىلاندى

ئاقتۇ ناھىيىسىدە 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقى ئاشكارىلاندى
ئۆز خەۋىرىمىز: 13- سىنتەبېر ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر شاھىت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسىدە 8 ئورۇندا لاگېر بالىقىنى ئاشكارلىدى.
مەزكۇر شاھىت خىزمەت داۋامىدا كۆرگەنلىرىگە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۇردى:
ئاتۇشنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدە سەككىز ئورۇندا تەربىيىلەش لاگېرى بار. مەن تور يوللىرىنى رېمونت قىلىش داۋامىدا ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئەرلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى، بىر ئائىلىدە بار بەش كىشنىڭ ھەممىنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. خىزمەت داۋامىدا بىر قانچە قېتىم سەككىزىنچى لاگېر بىلەن ئىككىنچى لاگېرنىڭ  كىردىم. لاگېر ئىچىگە يانفون ھەتتا بىر تال كىچىك مىخقا چاغلىق نەرسىلەرنى كىرگۈزمەيدىكەن. ئىككىنچى لاگېرغا تۆت ئىشىكتىن ئۆتۈپ كىرگىلى بولىدىكەن. بۇ لاگېردا چەتئەلدە تۇغقانلىرى بار كىشىلەر، بىر قانچە يىل ئىلگىر ئەزان توۋلىغان كىشىلەر ياكى ئەتتىگەندە مەسچىتكە چىققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قامىلىپتۇ. تۆتىنچى لاگېردا «دىندا ساۋادى بار ۋەزىپە ئۆتىمىگەن » دەپ تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى بار ئىكەن. سەككىزىنچى لاگېرغا بەش ئىشىكتىن ئۆتكەندىن كېين كىرگىلى بولىدىكەن. ھەر بىر ئىشك ئالدىدا يەتتىدىن ساقچى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ساقچى قوراللىق، بەش ساقچىنىڭ قولىدا كالتەك ،نەيزە بار ئىكەن. لاگېر تېمىنىڭ ئەتراپىدا يۇقىرى بېسىملىق توكلۇق سىم بار، ھەركۈنى ئەتىگەندە بايراق چىقىرىدىكەن. سەككىزىنچى لاگېر كۆزىتىش ئورنىغا كىردىم. ئۇ يەردە مۇنچا ۋە ھاجەتخانىدىن باشلاپ ھەممە ئورۇندا كامېرا ئورنىتىپتۇ. لاگېردىكى مەھبۇسلار مۇنچىدا كىيىملىرى بىلەن يۇينىدىكەن. ھاجەتخانىغا چىقسا ئىككى گۇندىپاي بىرگە ئېلىپ چىقىدىكەن. مەھبۇسلار ئائىلىسى بىلەن تېلېفۇن ئالاقە قىلسا بىر ساقچى يېنىدا ئولتۇرۇپ نېمە دېگەنلىكىنى يازىدىكەن. ساقچىلار ئۇلارنى لاگېردا ناھايىتى ياخشى تۇرغانلىقىنى ئائىلىسىگە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلايدىكەن. لاگېر ئىچىدىكى داۋالاش ئۆيىدە ياشىنىپ قالغان بوۋاينىڭ بىر قولىغا ئاسما ئوكۇل سېلىنغان، بىر قولى كويزا بىلەن كارىۋاتقا باغانلانغانلىقنى كۆرۈپ ئىچىم سېرىلدى. لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بىر ئايدا بىرەر قېتىم كېلىپ تۇرىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ جەسىدىنى ئائىلىسىگە بىرىدۇ. بىر قىسمىنىڭ جەسىدىنى ئۈن – تىن چىقارماي يوق قىلىۋەتتى. لاگېر ۋە تۇرمە سىرتىدا قالغانلار مەھەللە دوقمۇشلىرىدا چارلاشقا مەجبۇرلىنىدۇ. مەھەللىدە ھەر كۈنى كەچتە تەربىيىلەش كۇرسى بار، كۇرسقا بەش مىنوت كېچىككەنلەر بەش كۈن، 10 مىنۇت كېچىككەنلەر 10 كۈن كەنت ئىشخانىسىنى تازىلاشقا مەجبۇرلىنىدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئىزىۋەتتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ