ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

، ئى رەببىم، كۆردۈم، بۇ سارايلار قايسى پەيغەمبەر ۋە قايسى شەھىدلەرنىڭ؟ دەپ سورايدۇ. ئاللاھۇ تەئالا: «ئاشۇ كۆز قاماشتۇرغۇچى سارايلار ھەققىنى ئادا قىلالغانلارغا خاستۇر» دەيدۇ.

 

 

ئارىلىرىنى ياخشىلىغانلارغا بېرىلىدىغان ساراي

 

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبەسسۇم قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ سەۋەبىن ىسورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئۈممىتىمدىن ئىككى كىشى ئاخىرەتتە ھېساپلاشتى.بىرىسى : يا رەببىم! بۇ ئادەمدىن ھەققىمنى ئېلىپ بەر، دېدى.ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئادەمگە:« بۇ ئادەمنىڭ ھەققىنى بەر» دېدى. ئۇ ئادەم: ئى رەببىم، بەرگىدەك بىر ياخشىىقىم قالمىغان تۇرسا ، نېمەمنى بېرىمەن، دەيدۇ. ئاللاھ تەئالا ھەق ئىگىسىگە:« بۇ ئادەمنىڭ ساڭا بەرگىدەك ياخشىلىقى قالمىدى، قانداق قىلىسەن؟» دەيدۇ. ھەق ئىگىسى : ئۇنداق بولسا مېنىڭ گۇناھلىرىمنى ئالسۇن، دەيدۇ. بۇلارنى دەۋىتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىغلاپ كەتتى ۋە: ئۇ كۈن شۇنداق بىر دەھشەتلىك كۈنكى، ئۇ كۈنى باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆزىگە يۈكلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىنسان ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ئازابىدىن قاچىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ دېدى.  

ئاندىن سۆزىنى بايان قىلىشنى داۋام قىلىپ : ئاللاھ تەئالا ، ھەق ئىگىسىگە :« بېشىڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، جەننەتنىڭ ئاشۇ ئاجايىپ سارايلىرىغا قارىغىن، دەيدۇ. ھەق ئىگىسى قارىغاندىن كېيىن ، ئى رەببىم، كۆردۈم، بۇ سارايلار قايسى پەيغەمبەر ۋە قايسى شەھىدلەرنىڭ؟ دەپ سورايدۇ. ئاللاھۇ تەئالا: «ئاشۇ كۆز قاماشتۇرغۇچى سارايلار ھەققىنى ئادا قىلالغانلارغا خاستۇر» دەيدۇ. ھەق ئىگىسى: ئى رەببىم، بۇلارنىڭ ھەققىنى كىممۇ ئادا قىلالايدۇ؟ دەيدۇ. ئاللاھ تەئالا : سەن  ئادا قىلالايسەن، دەيدۇ. ھەق ئىگىسى: ئى رەببىم! مەن قانداق ئۆتىيەلەيمەن؟ مېنىڭ نېمەم بار؟ دەيدۇ. ئاللاھ تەئالا: «سەن بۇ قېرىندىشىڭنىڭ ھەققىنى ئۆتىنىۋېتىش بىلەن بۇ سارايغا ئىگە بولالايسەن» دەيدۇ. ھەق ئىگىسى دەرھال: ئۆتىنىەۋەتتىم، ئى رەببىم! دەيدۇ. ئاللاھ تەئالا :« بول، ئۇنداقتا ، بۇ قېرىندىشىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ جەننەتكە كىرگىن» دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:     ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاراڭلارنى ياخشىلاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، ئاللاھ تەئالا قىيامەت كۈنىدە سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ياخشىلاپ بېرىدۇ دېدى.

ئى رەببىم، بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى  گۇناھكار ، جىڭغا توختىمايدىغان باھانىلەر بىلەن بىر- بىرىگە تەتۈر قارىشىدىغان، ياكى يەر ئاستىدىن قاراپ، بىر- بىرىگە  يېقىنلاشمايدىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىگە جەننەتىكى ئۇ سارايلارغا ئېرىشىدىغان ئىشتىياقلارنى بەرگىن!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ