ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

10- دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى بولۇپ، شۇ مۇناسىۋېتى بىلەن تۈركىيە كامۇسەن تەشكىلاتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە ئىستانبۇل ئاقساراي مىترو بىكىتى ئالدىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارىشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئېلىپ بارماقچى .

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىغا تەكلىپ 
10- دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى بولۇپ، شۇ مۇناسىۋېتى بىلەن تۈركىيە كامۇسەن تەشكىلاتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە ئىستانبۇل ئاقساراي مىترو بىكىتى ئالدىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارىشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئېلىپ بارماقچى . 
پائالىيەتكە بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات يېتەكچىلىرى ۋە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە بولغان قارىشىلىقىنى خەلقئارا ئېلان قىلىشنى خالايدىغان، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا جۈرئىتى بارلارنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز. 

 پالىيەتكە ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ قاتنىشىپ، شەرقى تۇركىستاندا ئاتائانىللىرى، بالىلىرى، ئۇرۇق_تۇققانلىرى لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇۋاھلىقى ئېلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتكە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى نۇپۇزلۇق گېزىت ۋە تىلۋىزىيە خادىملىرى قاتنىشىپ نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىدۇ، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇرۇق _تۇغقانلىرىنىڭ رەسىمى بېسىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ ئاقساراي مىترو مەيدانىغا كىلىشىنى ئۈمىد قىلمىز
پائالىيەت ۋاقتى: 10- دېكابر دۈشەنبە ( ئەتە) سائەت 11:00 دە.
پائالىيەت ئورنى: ئىستانبۇل ئاقساراي مىترو بىكىتى ئالدىدا.
ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ