ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاتا يۇرت جەمئىيىتى رەئىسىنىڭ سۆزلىرى دىققەت تارتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-08 12:04:19 جەمئى 1564 قېتىم ئوقۇلغان.

ئاتا يۇرت جەمئىيىتى رەئىسىنىڭ سۆزلىرى دىققەت تارتتى

ئاتا يۇرت جەمئىيىتى رەئىسىنىڭ سۆزلىرى دىققەت تارتتى

قازاقىستاندا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك قاتارلىق تۈركلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇۋاتقان ۋە خىتاينىڭ كۆزىگە قادالغان مېخ بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئاتا يۇرت كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى رەئىسى سېرىكجان بىلاشئوغلۇنىڭ 5 – فېۋرال كۈنى قىلغان سۆزلىرى دىققەت تارتتى.
ئۇ ئاتا يۇرت جەمئىيتىگە توپلانغان ئائىلە ئەزالىرى خىتاي تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئونلارچە كىشىگە خىتاپ قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ نامىدا دۇنياغا نىدا قىلدى.
ئۇ سۆزىدە؛ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا زىمىستان قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە مۇز توڭلاپ كەتكەن ئازگاللارغا قازغان لاگېرلاردا بىزنىڭ ئىرقىمىزنى يوق قىلىپ، نومۇسىمىزنى دەپسەندە قىلىپ، قىزلىرىمىزغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ يۈكسەلگەن سادالىرىنى ئامېرىكىنىڭ كۈشكۈرتىشى دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنىپ سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرغانلار، نومۇستىن، شەرەپتىن سۆز ئاچمىسۇن! دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە قانداق بۇلاڭ-تالاڭ سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن تۈركلەرنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى ئەڭ ۋەھشى شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتايغا يىللارچە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق كوممۇنىستلارغىمۇ رەھىم قىلمىغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلى نەسلىنىڭ خىتاي بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاينىڭ يوقۇتۇش نىشانى بولۇۋاتقانلىقىن بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ، قازاقلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمغا پەرۋا قىلمىغانلىقى، خىتاي تەرەپتە تۇرغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا ئوخشاش قىسمەت قازاقنىڭ بېشىغىمۇ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئويغۇنۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتەندىكىلەرنىلا ئەمەس قازاقىستانغىمۇ قارا قولىنى سۇنىۋاتقانلىقىنى، خۇددى شەرقىي تۈركىستاندا بولغاندەك تۆنۈگۈن دىۋانىدەك كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەتە قازاقىستاندا مىڭ يىل ياشىغانلار ئېرىشەلمەيدىغان مۇھىم جايلارنى قولغا كىرگۈزۈپ بۇ يەردە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە بۇ داۋا يولىدا ئالدىدىن يىگەن خەنجەردىن كەينىدىن يىگەن خەنجەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ غالچىلىرىنىڭ بۇ يولدىن توختىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ھەرىكەتنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ يولغا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن چىققانلىقىنى، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلىقىنى، بۇ يولدا ئۆلسە شېھىد دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن مەزلۇملارنىڭ سۈكۈتنى بۇزۇشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ