ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاتالمىش يەسلىلەردىكى پەرزەنتلىرىمىنىڭ ھالى يۈرەكلەرنى ئەزدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-20 17:25:37 جەمئى 8893 قېتىم ئوقۇلغان.

ئاتالمىش يەسلىلەردىكى پەرزەنتلىرىمىنىڭ ھالى يۈرەكلەرنى ئەزدى

ئاتالمىش يەسلىلەردىكى پەرزەنتلىرىمىنىڭ ھالى يۈرەكلەرنى ئەزدى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كۈنسىرى كۆپلەپ ئاشكارا بولۇۋاتقان خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن نارسىدە كىچك بالىلىرىمىزنىڭ سۈرەت ۋىدىئولىرى كۆرگۈچىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى ئەزمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىر پۈتۈن يوق قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل بوھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىش سىياسىىتى يۈرگۈزۈپ 3 مىليوندىن كۆپرەك خەلقىمىزنى لاگىرلاردا قىيىن قىستاق قىلىپلا قالماي ئۇلارنى دىنى ۋە مىللىي كىملىكىدىنمۇ تېنىشقا مەجبۇر قىلىپ ئاسمىلاتسىيە قىلماقتا.

بىگۇناھ تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى ئانىسى خىتاي زۇلۇمىدىن ئامان قىلىش ئۈچۈن، بالىلىرىنى ئۇرۇق تۇققانلىرىغا قويۇپ قويۇپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن يۈز مىڭلارچە كىچك نارسىدىلەر خىتاي تەييار ئولجىسىغا ئايلىنىپ، ئۇلار ئۈچۈنمۇ ئاتالمىش بالىلار يەسلىسى نامىدا، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي خىتاي قىلىپ تەربىيلەش ئېلىپ بارىدىغان، كۆرۈنۈشلىرىمۇ تۈرمىنى ئەسلىتىدىغان شەكلى ئۆزگەرگەن لاگىرلاردا پەرزەنتلىرىمىزنى ئىللىق ئائىلە مۇھىتىدىن، ئاتا – ئانا مۇھەببىتىدىن ئايرىغان شەكىلدە قاتتىق قوللۇق بىلەن خارلىماقتا.

كېلىۋاتقان ئۇچۇرلاردا ھەتتا  ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدا شۇنداق زۇلۇم بىلەن قېلىشىغا رازى بولمىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى پۈتۈنلەي خىتاي ئىسمى بىلەن تىزىملاپ ئىچكىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقى، خىتاي ئائىللەرگە بالا قىلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ لاگىرسىمان يەسلىلەردىكى پەرزەنتلەر يېتەرسىز يېمەكلىك، تازىلىقنىڭ ناچار بولۇشى، قاتتىق قوللۇق قاتارلىق ئامىللار بالىلاردا نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ سەبى قەلبىگە، زېھنىگە ئۇلار بىر ئېغىزمۇ بىلەيدىغان خىتاي تىلىنىڭ زورلاپ تېڭلىۋاتقانلىقىنى بالىلاردا ئېغىر روھى بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

 كۈزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر زوراۋانلىقىغا خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال ئارىلاشمىغان ۋە يولسىزلىقلار توختىمىغان تەقدىردە، بۇ يەردە ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر ئىنسانى پاجىئە يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ