ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاتالمىش قوشماق تۇغقان خىتاي ئائىلە ئىگىلىرىنى خورلىغان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-06 11:36:04 جەمئى 4532 قېتىم ئوقۇلغان.

ئاتالمىش قوشماق تۇغقان خىتاي ئائىلە ئىگىلىرىنى خورلىغان

ئاتالمىش قوشماق تۇغقان خىتاي ئائىلە ئىگىلىرىنى خورلىغان
5- ئاۋغۇست ئجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولىشىچە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان » خىتايلار ئائىلە كىشىلىرىنى ئۇرۇپ خورلىغانلىقى ۋە قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئاشكارا بولغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا، ياكى ئاقسۇ تەلەپپۇزىغا ئوخشاپ كېتىدىغان شېۋىدە سۆزلەيدىغان بىر كىشى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا يېقىنىنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ئاتالمىش « قۇسماق تۇغقان» خىتاي ئائىلە كىشلىرىنى ئۇرۇپ خورلىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن:
« مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە قوشماق تۇغقان بولۇپ بىر خەنزۇ كىرگەن. ئائىلىگە يېڭى كىرگەندە خېلى ياۋاش ئىدى. بىراق بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۈڭگۈز چىقتى. ئائىلىدە دائىم دېگۈدەك دوستۇمنى ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. دوستۇم قول قاندۇراي دىسە « ئۆي ئىچىدىكى ئەۋالنى جەدۋەلگە يازىمەن » دەپ، قورقاق سېلىپ قول قاندۇرالماي قاپتۇ، ھازىر دوستۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى دوستۇمنىڭ قوشماق توغقىنى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن بېرىپ ئۇنىڭغا «بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بۇنداق ئۇرۇپ بوزەك قىلساڭ بۇلامدۇ؟» دىسەم ئۇ ماڭا:« مەن قانداق ياشىغۇم كەلسە شۇنداق ياشايمەن، ھەر قايسىڭ مېنىڭ خىزمەتچىلىرىم» دېدى. بۇ ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلساق بۇلار دەپ، بېشىمىز قېتىپ ساقچىخانىغا بېرپ، ئائىلىدە بولغان ئەھۋاللارنى ساقچىغا شىكايەت قىلدۇق. ساقچى بىزگە:« ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلىشىڭلار كېرەك. خەنزۇ يولداشلار شۇنچە يىراقتىن كىلىپ بىزنىڭ ۋەتەننى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خەنزۇ يولداشلارغا نېمە قىلىپ بەرسەك ئەرزىيدۇ» دېگەن گەپلەرنى قىلىپ ساقچىخانىدىن چىقىرىۋەتتى.»
ئجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدا يەنە، بۇ ئائىلىدە 16 ياشلىق بىر قىزنىڭ بارلىقى، ئائىلىگە كىرگەن قوشماق تۇغقان خىتاي قىز بىلەن توي قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ، ئائىلىدىكىلەر ئامالسىزلىقتىن توي خېتى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇ خىتاي 46 ياشقا كىرگەنلىكى، خىتاي يېقىندا قىزنىڭ نۇمۇسىغا تەگكەنلىكىنى، قىز توختىماق يىغلاپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا تۇغقانلىرى قىزنى باغلاپ قويغانلىقىنى ، ئائىلىدىكىلەر بۇ ئەھۋاللارنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ خىل پەسكەشلىكنى قىلغان جىنايەتچى خىتاي بولماي ئۇيغۇر بولغان بولسا قانۇن ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەقىقى ئەھۋاللارنى چۈشەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇچۇرنى تارقاتقۇچى يەنە، بۇ دېلونى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلىرىنىڭ قايسى تارمىقىغا شىكايەت قىلساق ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە باشقىلارنىڭ مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ