<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئابلا جېلىل ئوغلىنى تۈركىيىدە ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-04 15:09:53 جەمئى 2827 قېتىم ئوقۇلغان.

ھۈسەيىن جېلىل يەنە ئىككىنچى ئاكسىى ھەسەن جېلىلنىڭمۇ چوڭ ئاكىسى ئابلا جېلىل تۈركىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگىرىغا سولانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

 

ئابلا جېلىل ئوغلىنى تۈركىيىدە ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

ئۆز خەۋىرىمىز، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ كۈچيىشىگە ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئائىلىسىگە كەلگەن ئىنسان تەسەۋۋۇرى قوبۇل قىلالمىغۇدەك درىجىدىكى ھەرخىل ئېچىنىشلىق خىتاي زۇلۇملىرىنى ئارقا – ئارقىدىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلماقتا.

بۈگۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمى سەۋبلىك ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن   ۋەتەندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيلەش لاگىرى نامىدىكى جازا لاگىرلىرى ئېچىلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىسىگە ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىغا كەلگەن خىتاي زۇلۇمىنى پاش قىلدى.

سىنلىق كۆرۈنۈش ئارقىلىق تارقاتقان خىتاي ۋەھشىلىكىنى پاش قىلىش ۋىدىئوسىدا ئاكىسى ئابلا جېلىلنىڭ 2015 – يىلنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىگە ئوغلى بىلەن قانۇنلۇق كەلگەنلىكىنى ۋە بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇپ قايتقانلىقىنى، ئەمما قايتىشى بىلەنلا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈركىيىگە چىقىپسەن ۋە بالاڭنى ئوقۇشقا قويۇپ قايتىپسەن دېگەن جىنايەت بىلەن 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ھازىر ئاكىسىنىڭ ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھۈسەيىن جېلىل يەنە ئىككىنچى ئاكسىى ھەسەن جېلىلنىڭمۇ چوڭ ئاكىسى ئابلا جېلىل تۈركىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگىرىغا سولانغانلىقى، ئاچىسى ئايىمخان جېلىل ۋە پەرزەنتلىرى، شۇنداقلا سىڭلىسى بۇھاجىرەم ۋە پەرزەنتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن 3 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋە ئاخىرىدا پۈتۈن قانۇنى يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى سۈكۈتنى بۇزۇپ خىتاي رەزىللىكىنى پاش قىلىشقا چاقىردى.  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ