<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئابدۇلقادىر ياپچان  ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەربابى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدىن چىققان مۇجاھىد، دوسىت -دۇشمىنى ئېنىق ئايرىلغان، ئاللانىڭ دوستىغا -دوسىت، دۇشمىنىگە -دۇشمەن بولغان مەيدانى ئېنىق، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۇشمىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلارغا قارشى توختاۋسىز پۈتۈن ئىمكانى بىلەن قارشىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانىدۇر.

ئابدۇقادىر ياپچان 1958-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەر ناھىيىسىنىڭ ياپچان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.

1966-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىلگەن، دەسلەپكى قېتىم 1973 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى 15 يېشىدا «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەشكىلات قۇردى »دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ،  ماۋزىدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن جىنايىتى يىنىكلىتىلىپ 6 يىل ياتقاندىن كېيىن 1979‏- يىلى 10‏-ئاينىڭ8 ‏- كۈنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

 1976- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ داڭلىق ئۆلىماسى، دىنىي ئالىم، مەرھۇم ئۈستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم بىلەن تونۇشقان ۋە تەربىيىسىدە بولغان. تۇرمىدىن قۇيۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە دەۋەت بىلەن شۇغۇللانغان.

ئىككىنجى قېتىم 1990 ‏- يىلى بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە «بارىن ئىنقىلابىغا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار» دەپ گۇمان بىلەن قارىلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 3 يىل تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن 1993‏- يىلى تۈرمىدىن چىققان. شۇ يىلى يەنە قاغىلىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن دىنى ئالىم،  مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ۋاپات بولغاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابدۇلقادىر ياپچاننى «مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى» دېگەن جىنايەت بىلەن يەنە قولغا ئېلىنىپ 3 يىل تۈرمىگە قامىغان.

1996- يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى يالغان پاسپورت بىلەن جىددىگە كەلگەن. ئۇ يەردىن شۇ يىلى پاكىستانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. 2002-يىلدىن باشلاپ ئىستانبۇلغا يەرلىشىپ مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغان ئىدى.

ئابدۇقادىر ياپچان ئىسلام دىننى ئۈگەنگەن ھەمدە ياخشى چۈشەنگەن، ھاياتىنى ئىسلام دىنىغا تەدبىقلىغان، ئاللاھنىڭ رىزاسى كۆزلەپ بۇ يولدا تەۋرەنمەي، ئىككلەنمەي ماڭغان، بارلىقىنى ئىسلام يولىغا، مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بېغىشلاپ كەلگەن بىر شەخىس.

ئابدۇقادىر ياپچان ۋەتەنپەرۋەر ئادەم يەنى ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى سۆيگەن ، مىللىتىگە ئىگە چىققان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى بەرپا قىلىشقا ئاساس سالغۇچىسى، «توغرا ئىدىيىنى يارتىش ۋە ئۇنى توغرا ھەركەت ھالىتىگە ئېلىپ كېلىش »نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغۇچىسىدۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزى ئۈزۈن مۇددەت ياشىغان ئىككىنچى ئانا ۋەتىنى بولغان تۇركىيەنى، تۈرك خەلقىنى قىزغىن سويگەن ، ھازىرقى ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلغان شەخىسىدۇر.

تۇركىيەدە ياشاش جەريانىدا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ ھەركەتلەردە بولمىغاندىن سىرىت، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا مۇتلەق بوي سۇنۇشقا ، تۈركىيە زىمىنىدا قانۇنغا خىلاپ خىتايغا قارشى ھەر قانداق ھەركەتلەردە بولماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان.

ئۇنىڭغا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن «ئىسلام دولىتىگە»ئادەم سالغان، خىتايغا قارشى «تېرورلۇق»ھەركەت بىلەن شۇغۇللانغان دىگەنلەر بوھتان لارنى تارقىتىپ كەلمەكتە.

ئابدۇقادىر ياپچان ھەر قانداق ئاشكارا ۋە خالى سورۇنلاردا دەيدىغان سۆزى ئېنىق، خىتايغا قارشى مەيداننى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىلىشمىلىرىنى پاش قىلىپ كەلگەن.

بۇ سەۋەپلىك بىر قىسىم  نادان ئۇيغۇرلار تەرپىدىن «دىمكۇراتچى»،«مىللەتچى» قاتارلىق قالپاقلار كىيىدۇرۇلگەن، قەلبىگە ئازار بېرىلگەن.

تۈركىيەدە  خىتايغا قارشى قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا ئالدىدا ماڭغان ، ئۆتكۈر نۇتۇقلىرى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۈلۈملىرىنى پاش قىلىش  بىلەن بىرگە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا  قارشى ئۆتكۈر تىلى بىلەن ئەمەلىي جىھاد ئېلىپ بېرىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا «ئوق»بولۇپ ئېتلىپ كەلمەكتە.

ئۆتكۈر سۆزلىرى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى بىئارام قىلغان ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «بىرىنچى دەرىجىلىك دۇشمەن»قىلىپ تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىگە ئېلىپ، ئىقتىسادى بېسىم بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

31- ئاۋغۇسىت كۈنى تۈيۇقسىز مەھەللىسىدىن تۈرك ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى غەمغە سالدى.

بىرىنچى قېتىملىق سوتتا 5 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇشقا  ھوكۇم قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەنسىزلىكى داۋام قىلماقتا.

ئۆز قەھرىمان ئوغلانى، جامائەت ئەربابى، ئەلىنىڭ غېمىنى يىگۈچى ئەرنىڭ يېقىن سەپداشلىرى ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بارلىق ئەھۋاللارنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئابدۇقادىر ياپچاننى  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن قىلىنىۋاتقان ھەر خىل بوھتان ۋە سۇيقەسىتلەرنىڭ قۇربانى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى 35 مىليون خەلقىنىڭ ئارزۈ ئۈمىدىنى «ئىقتىسادى بېسىم»نىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىككە، تۈركىيە خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن  15-ئىيۇل كۈنىدىكى  سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا ئىككىلەنمەي چىقىپ تۈرك خەلقى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتى تەرپىنى ئالغان، نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيغۇسىز ئۆتكۈزۈپ ئاللادىن ئۈزۈن تىلەكلەردە بولغان بىر مەزلۈم مىللەتنىڭ جامائەت ئەربابىنى زالىم خىتايغا تۈرك خەلقى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ دەپ گۇمان قىلمايمىز.

چۈنكى، تۈرك خەلقى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشلامچلىق رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان، نەدە مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچلىقى بولسا شۇ يەردە ھازىر بولغان، ماددى-مەنىۋى ياردىمى بىلەن ئاللانىڭ رىزاسىنى كۆزلەپ خالىس قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە بىزلەر شاھىت.

2013- يىلدىن باشلاپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ ، تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان، قەيسەرى ۋىلايتىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئولتۇراق ئوي تەستىقلاپ بەرگەن، 2009-يىلى «5-ئىيۇل» ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئۆز ۋاقىتىدا ئەلباشى بولغان ھۆرمەتلىك رەجەپ تايىپ ئەردوغان  خىتايغا «ئېرىقى قىرغىنچىلىقى»نى توختات دەپ خىتاپ قىلالىغان ، شۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى نەچچە مىڭ ئۇيغۇرغا «تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىنى»بەرگەن ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ ئۆز تارىخىدا بولۇپ باقمىغان ھەم بولۇشنىمۇ خىيالىغا كەلتۇرمەيدىغان زالىمنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدىغان ئىشنى قىلىدۇ دەپ گۇمان قىلمايمىز.

جانابى ئاللاھتىن باشقا يۆلەنچۇكى بولمىغان، دۆلەتسىزلىك، مۇساپىرچىلىق، دەردىنى يەتكىچە تارتىۋاتقان ياردەمنى پەقەت ئاللادىن كۈتۈپ ئاللاغا يىغلاۋاتقان، باشقا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز دۆلىتىدىن، خەلقىدىن ئايرىماسلىقىنى، ئاللادىن باشقىغا مۇھتاغ قىلماسلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۈلۈملارنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆتىرۋېتىشنى تىلەيمىز.

ئاخىردا سۆزۈمنى ئابدۇقادىر ياپچان ئاكىمىزنىڭ پات يېقىندا بىزلەر بىلەن ئارىمىزدا بىللە بولىشىنى، تېنىگە سالامەتلىك، زالىمغا قارشى كۆرىشنىڭ داۋام ئېتىشىنى جانابى ئاللادىن تىلەش بىلەن بىرگە، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ھۆرمەتلىك رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ توۋەندىكى سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

مۇسۇلمانلاردىن زالىم چىقمايدۇ،

مۇسۇلمانلار ھەم زالىمنىڭ يېنىدا تۇرمايدۇ.

 

قەلەمگە ئالغۇچى: ئارتۇچ بۇغرا


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ