ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئابدۇقادىر ياپچان ئۇيغۇرلارنى ئىپتارغا چاقىردى

ئابدۇقادىر ياپچان ئۇيغۇرلارنى ئىپتارغا چاقىردى
9- ئىيۇن ئابدۇقادىر ياپچان ئاكىمىز ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقنى ئپتارغا چاقىردى.
ئىپتار پائالىيىتى ئىستانبۇلنىڭ فىلورىيە دېڭىز ساھىلىدا ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 1000 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ تەشكىلاتلار ئارىسىدا پىتنە- ئېغۋالار كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىراق بۇنداق ئېغۋالارغا پىسەنت قىلماستىن، نىشاندىن قايماي يولنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتتە يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ دەۋەت گۇرۇپپا مەسئۇلى ھەبىبۇللا كۈسەن رامزاننىڭ پەزىلىتى ھەققدە سۆز قىلىپ، بۇ كۈنلەرنى قەدىرلەپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىبادەت قلىشنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن مەھمۇد قاراجىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ناماز شامدا قۇنۇت ئوقۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا قاتمۇ- قات زۇلۇمغا قالغان، ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە ئىسلامىنى ساقلاش يولىدا خىتاي تۈرمىلىرىدە ئەزىيەت چېكىۋاتقان، لاگېرلاردا خىتاي رېجىمنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلمىدا كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىزرەك ئازادلىققا چىقىشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ