ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئابدۇقادىر ياپچاندىن «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق ئەسەرگە تەقرىز...

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-30 13:20:49 جەمئى 7400 قېتىم ئوقۇلغان.

ئابدۇقادىر ياپچاندىن «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق ئەسەرگە تەقرىز...

ئابدۇقادىر ياپچاندىن «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق ئەسەرگە تەقرىز...

ئۆز خەۋىرىمىز: جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان مەمەت تۇرسۈن ئۇيغۇر ئەپەندى يازغان «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق تارىخىي ئەسەرگە تەقرىز يېزىپ ياخشى باھا بەردى.
سۇنماس ئىرادە، تەۋرەنمەس مەيدانى، جاراڭلىق سۆزلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق ئەسەرنى بىر قۇر ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن تەقرىز يېزىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
كىتابتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى ئۆز ھەرىكىتى، جاسارىتى ، ئەقىل – پاراسىتى بىلەن يازغان تارىخىي شەخسلىرىمىزنىڭ ئۆچمەس ئىش – ئىزلىرى، مۇھىم بولغىنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق يولىدا قەلەم تەۋرەتكەن تارىخچىلىرىنىڭ، قان كېچىپ جەڭ قىلغان غازىلىرىمىز ۋە شېھىتلىرىمىزنىڭ، سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ تارىخى، ئۈممەتنىڭ بىر قسىمى بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئازاد قىلىش يولىدا ھەر خىل ئەزىيەتلەرگە، جاپا – مۇشەققەتلەرگە دۇچ كىلىشىنى بىلىپ تۈرۇپ، سىياسى ساھەدە دادىل ھەرىكەت قىلغان پېشقەدەملىرىمىزنىڭ ئىش- ئىزلىرى يېزىلىپتۇ. بۇ كىتاب ھەر بىر شەرقي تۈركىستان خەلقى ئائىلىسدە بىر يۈرۈشتىن ساقلاپ، تارىختا ئۆتكەن پېشقەدەملىرىمىزنىڭ كۈرەش تەجرىبىلىردىن ساۋاق ئېلىشتا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئەسەر بوپتۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ