ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

«تەربىيىلەش لاگېرى» نىڭ خىزمەتچىسى ئىچكىرى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-05-22 16:23:20 جەمئى 7644 قېتىم ئوقۇلغان.

مەھبۇسلارنىڭ تامىقىغا ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلار ئەڭ ئەرزان پۇللۇق كۆكتاتلار ئىكەنلىكىنى، ئادەتتە تاماققا كېتىدىغان ماتىرياللارنى خىتايلار تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى، تاماققا ئىشلىتىلىۋاتقان گۆشنىڭ چوشقا گۆشى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى

 

«تەربىيىلەش لاگېرى» نىڭ خىزمەتچىسى ئىچكىرى ئەھۋاللارنى  ئاشكارىلىدى


21 - ماي ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەلۇم «تەربىيىلەش لاگېرى» نىڭ تازىلىق خىزمەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،  

« تەربىيىلەش لاگېرى» نامىدىكى جازا لاگېرىنىڭ ھەممە يىرىدە كامېرا بارلىقى،  لاگېردىكى مەھبۇسلارنى ھەپتىدە بىر قېتىم سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەربىر ئادەمنىڭ يۇيۇنىدىغان يېرىدىمۇ بىر قانچىدىن كامېرا بارلىقى. ھەتتا ئوبۇرنى ئىچىدىمۇ بىر نەچچە كامېرا بارلىقىنى بىلدۈردى.
تازىلىق خىزمەتچىسى يەنە، لاگېردا ھەر كۈنى «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ » دېگەن ناخشىنى مەجبۇرى ئېيتقىلى سالىدىغانلىقىنى،  يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا قۇيۇپ ئۇسسۇل ئويناشقا مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى، ھەر كۈنى كوممۇنىستلار دەرس سۆزلەپ سىياسىي ئۆگىنىش قىلغىلى سالىدىغانلىقىنى، سولانغانلارنىڭ پۇت-قولىدا ھەرقانداق ۋاقىتتا كويزا- ئىشكەل بارلىقىنى، قامالغانلارنى دوختۇرخانىغا ياكى باشقا جايغا يۆتكەشكە توغرا كەلسە بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ماشىنىغا سالىدىغانلىقىنى،  پۇت - قولىدىكى كويزىنىڭ ھەر ۋاقىت ئېلىنمايدىغانلىقىنى، ھەركۈنى لاگېردىكى مەھبۇسلار ھاراق ئىچىشكە مەجبۇر قىلىنىدىغانلىقىنى، جازا لاگېرىدا ناھايىتى كۆپ ھاراق بوتۇلكىسىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.    
مەلۇم «جازا لاگېرى» دىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئاشپەزنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەھبۇسلارنىڭ تامىقىغا ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلار ئەڭ ئەرزان پۇللۇق كۆكتاتلار ئىكەنلىكىنى،  ئادەتتە تاماققا كېتىدىغان ماتىرياللارنى خىتايلار  تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى،  تاماققا ئىشلىتىلىۋاتقان گۆشنىڭ چوشقا گۆشى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى،  ئاشپەزدىن « نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ  سورىساق،  «لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى بۇلارغا ئىسپات بۇلالايدۇ»  دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاشپەز مەھبۇسلارغا چوشقا گۆشى بېرىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئېنىق بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزى ئادەتتە ھور ناننى قۇرۇق يەيدىغانلىقىنى، ھەتتا قىلۋاتقان خىزمىتىنى مەجبۇرىي تەھدىت ئىچىدە قىلۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ